ئافغانىستاندا ئۈچ كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىلدى

تالىبان روزا ھېيت مەزگىلىدە، ئافغانىستاندا ئۈچ كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

1637213
ئافغانىستاندا ئۈچ كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاندا تالىبان روزا ھېيتتا ئۈچ كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تالىبان باياناتىدا، تالىبان قوراللىق كۈچلىرىگە ھېيت مەزگىلىدە ھېچقنداق ھۇجۇم قىلماسلىق توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھۆكۈمەت كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايونلارغا ۋە ئوخشاش شەكىلدە ھۆكۈمەت قىسىملىرىنىڭمۇ تالىبان كونترول قىلىۋاتقان رايونلارغا بارالمايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، خەلقنىڭ ھېيت كۈنلىرىنى خاتىرجەملىك ۋە بىخەتەر ھالدا ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىشنىڭ قارار قىلىنغانلىقى، ئەمما بۇ مەزگىلدە قارشى تەرەپنىڭ ھەر قانداق ھۇجۇمىغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ھازىرچە تالىباننىڭ ئۇرۇش توختىتىش قارارىغا مۇناسىۋەتلىك بايانات ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر