خىتاينىڭ  ئالەم بوشلۇقىدا كاردىن چىقىپ، ئوت كەتكەن راكېتاسىنىڭ پارچىلىرى ھىندى ئوكيانغا چۈشتى

خىتاي ئالەم پونكىتىنىڭ يادرولۇق مودېلىنى ئوربېتاغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن قويۇپ بېرىلگەن ۋە كونتروللۇقىنى يوقىتىپ ئاتموسفېرادا پارچىلىنىپ كەتكەن «ئۇزۇن سەپەر 5B» راكېتاسىنىڭ پارچىلىرىنىڭ مالدىۋېغا يېقىن ھىندى ئوكياننىڭ مەلۇم جايلىرىغا چۈشكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

1636806
خىتاينىڭ  ئالەم بوشلۇقىدا كاردىن چىقىپ، ئوت كەتكەن راكېتاسىنىڭ پارچىلىرى ھىندى ئوكيانغا چۈشتى
çin mars 04.jpg
çin uzay aracı.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  خىتاينىڭ ئالەم قاتنىشى ئىنژېنېرلىق ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، 29-ئاپرېلدا  ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلگەن ۋە پارچىلىنىشتىن كېيىنكى قالدۇقلىرىنىڭ كۆپىنچىسىگە ئاتموسفېرادا كۆيۈپ كەتكەن «ئۇزۇن سەپەر 5B»  ناملىق راكېتاسىنىڭ باشقا قالدۇقلىرىنىڭ ھىندى ئوكيانغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، راكېتانىڭ بېيجىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10:24  (ئەنقەرە ۋاقتى ئەتىگەن 05:24) ئەتراپىدا مالدىۋېغا يىقىن جايغا چۈشكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.  

راكېتانىڭ ئورنىنى ئىز قوغلاپ كۆزىتىپ كېلىۋاتقان «SpaceTrack.com» تور بېتىمۇ «ئۇزۇن سەپەر 5B»  ناملىق خىتاي راكېتاسىنىڭ چۈشكەنلىكىنى دەلىللىدى.

خىتاي ئالەم پونكىتىنىڭ تۇنجى پارچىسى شۇنداقلا يادرولۇق مودېلى تيەنخىنى ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن 29 – ئاپرېلدا  «ئۇزۇن سەپەر 5B»  ناملىق راكېتا قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.

راكېتا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن تيەنخى مودېلى راكېتادىن ئايرىلىپ پىلانلانغان ئوربېتاغا كىرگەن ئىدى.

راكېتانىڭ ئاساسلىق چوڭ گەۋدىسى ئەسلىدە كونتروللۇق ئاستىدا يەرشارىدا ئالدىن پىلانلانغان نۇقتىغا يېتىپ بېرىشى كېرەك ئىدى، لېكىن كۈتۈلمىگەندە خىتاي راكېتاسى ئالەم بوشلۇقىدا كاردىن چىقىپ، ئوت كەتكەن ۋە پارچىلىنىپ كەتكەن ئىدى.


خەتكۈچ: #راكېتا , #خىتاي

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر