ھىندىستاندا بىر تاش كاندا پارتلاش يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى
ھىندىستاننىڭ شەرقىي جەنۇبىدا بىر تاش كاندا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1636515

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاندرا پرادېش ئۆلكىسىنىڭ كاداپا رايونىغا جايلاشقان بىر تاش كاندا، ئىشچىلار پارتىلاتقۇچ ماتېرىياللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن گرانىتتا تۆشۈك ئېچىۋاتقاندا پارتلاش يۈز بەرگەن.
ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تاش كاندا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا 10 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.
ۋەقەدىن كېيىن تەكشۈرۈش باشلانغان.