گۇتېرس كىرىزىسلەرنى ھەل قىلىشتا كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپلىقىغا قايتىدىن نامزات بولغان ئانتونيو گۇتېرس، كىرىزىسلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىدا «دۇرۇس مۇرەسسەچى» بولىدىغانلىقى ۋە «كۆۋرۈك سالغۇچى» رولىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئەھدە قىلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىگە گۇتېرستىن باشقا يەنە 7 كىشى نامزات بولدى.
گۇتېرس، دۆلىتى پورتۇگالىيە تەرىپىدىن بۇ ۋەزىپىگە نامزات كۆرسىتىلدى، ئەمما سابىق ئېكۋادور پىرېزىدېنتى روسالىئا ئارتېئاگانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 شەخس، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا ھېچبىر دۆلەت تەرىپىدىن نامزات كۆرسىتىلمىدى.
2017 – يىلدىن بېرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەپ كېلىۋاتقان گۇتېرس، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدە يېگانە نامزات سۈپىتىدە، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى، ھەمدە ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىلگىرىمۇ ئۇدا 10 يىل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن پورتۇگالىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى گۇتېرس، ئىككىنچى قېتىم بۇ ۋەزىپىگە سايلانغان تەقدىردە، كىرىزىسلەرگە چارە تېپىشتا «دۇرۇست بىر مۇرەسسەچى» بولىدىغانلىقى ۋە «كۆۋرۈك سالغۇچى» رولىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئەھدە قىلدى.
ھازىرمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى سۈپىتىدە ۋەزەپە ئۆتەۋاتقان گۇتېرس، ئۇدا 4 يېرىم يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بۇ ۋەزىپىسىدە، جىنسىي باراۋەرلىك ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كۈرەشنى، ئۆزىنىڭ مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپ ماددىلىرىدىن بىرى قىلىپ بېكىتتى.