ئىسرائىلىيە كۈچلىرى 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى

ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا قوراللىق ھۇجۇم تەشەببۇسىدا بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى، بىرىنى ئېغىر يارىلاندۇردى.

1635930
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 3 پەلەستىنلىك ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى جېنىن شەھىرى ئەتراپىغا جايلاشقان بىر چېگرا قاراۋۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان. ۋەقەدىن كېيىن، ھۇجۇمچىلار بىر تەرەپ قىلىنغان.

ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە كۈچلىرى بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 2 پەلەستىنلىك ئۆلگەن، بىرى ئېغىر يارىلانغان. يارىلانغان پەلەستىنلىك ئىسرائىلىيەدىكى بىر دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ ھەقتە پەلەستىن دائىرىلىرى تەرىپىدىن تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر