ئامېرىكا ئافغانىستان قىسىملىرىنى باشقا دۆلەتتە تەربىيەلىشى مۇمكىن

ئامېرىكا ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى مارك مىللېي (Mark Milley) ئامېرىكانىڭ كەلگۈسىدە ئافغانىستان ئارمىيە قىسىملىرىنى باشقا دۆلەتتە تەربىيەلەش مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

1635758
ئامېرىكا ئافغانىستان قىسىملىرىنى باشقا دۆلەتتە تەربىيەلىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى مارك مىللېي (Mark Milley) ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى للويد ئوستىن (Lloyd Austin) بەش بۇرجەكلىك بىنادا بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئافغانىستاندىن چېكىنىش مۇساپىسى توغرىسىدا توختالدى.

مارك مىللېي: « ھەربىي جەھەتتىكى ئاساسىي مەقسىتىمىز، ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ پىلانلىق، بىخەتەر ۋە سىستېمىلىق ھالدا چېكىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ۋەزىپە ئالماشتۇرۇشتۇر» دېدى.

ئۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ چېكىنىش ئۈچۈن سېنتەبىر (2021) گىچە ۋاقىت بەرگەنلىكىنى ۋە بۇ ۋاقىت ئىچىدە چېكىنىشنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ تالىباننىڭ ئافغانىستان قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئامېرىكا چېكىنىش مۇساپىسىنى باشلىغاندىن كېيىنمۇ داۋاملاشقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ «ئافغانىستان ئەسكەرلىرىنىڭ باشقا دۆلەتتە تەربىيەلىنىپ-تەربىيەلەنمەيدىغانلىقى» ھەققىدىكى سوئالغا: «ئەلبەتتە، باشقا دۆلەتتە تەلىم-تەربىيە بېرىلىشى مۇمكىن. نۇرغۇن تاللاش يولىمىز بار، بىراق ھازىر دىققىتىمىزنى چېكىنىشكە مەركەزلەشتۈردۇق، پىلانلىرىمىزنى تاماملىدۇق» دېدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئوستىن چېكىنىش مۇساپىسىنىڭ تەخمىنەن بىر ھەپتە بۇرۇن باشلانغانلىقىنى ۋە چېكىنىشنىڭ ھازىرغىچە پىلان بويىچە ئىلگىرىلىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر