ئامېرىكا ئافغانىستانغا زاپاس قۇرۇقلۇق كۈچى ئەۋەتىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئافغانىستانغا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئۈچۈن زاپاس قۇرۇقلۇق كۈچى ئەۋەتىدۇ.

1635435
ئامېرىكا ئافغانىستانغا زاپاس قۇرۇقلۇق كۈچى ئەۋەتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىربى، كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش باسقۇچى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ دۆلەتكە قوغداش ۋە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە زاپاس قۇرۇقلۇق كۈچى ئەۋەتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى، رايوندىكى « B-52 » تىپلىق يادرو ئىقتىدارىغا ئىگە بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنىڭ سانىنى 6 گە يەتكۈزگەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

ئىلگىرى 4 ئايروپىلاننىڭ رايونغا ئەۋەتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.

كىربى، ئەسكەر چېكىندۈرۈش خىزمىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تېگىشلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى دۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر