ئامېرىكادا ئەسلى ئاسىيالىق (خىتاي) لارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كۆپەيمەكتە

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سان -فىرانسىسكو شەھىرىدە، ئاسىيالىق ئىككى ئايال ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتىدە پىچاقلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

1634582
ئامېرىكادا ئەسلى ئاسىيالىق (خىتاي) لارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كۆپەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سان-فىرانسىسكو شەھەر مەركىزىدە پىچاقلىق ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ بېكەتتە ئاپتوبۇس ساقلاۋاتقان 68 ۋە 85 ياشلىق 2 ئاسىيالىق (خىتاي) ئايالنى يارىلاندۇرغان.

ساقچى ئەترىتى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، يارىلانغان ئاياللارنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان.

يارىلانغانلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.

ھۇجۇمنى سادىر قىلغان گۇماندارنىڭ 54 ياشلىق بىر ئەر ئىكەنلىكى ۋە نازارەتكە ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئەمما، بۇ ۋەقەنىڭ ئىرقىي ئۆچمەنلىك ھۇجۇمىمۇ ياكى ئەمەسمۇ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

يېقىنقى ئايلاردا سان فىرانسىسكو شەھىرىدە ئەسلى ئاسىيالىق (خىتاي) لارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىشكە باشلىدى.

فېۋرالدىمۇ 83 ياشلىق ئاسىيالىق بىر ئەر ئىتتىرىۋىتىش سەۋەبىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ، كاسا سۆڭىكى سۇنغان ئىدى.

مارتتا 83 ياشلىق بىر ۋېيتناملىقمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھۇجۇمدا يىقىلىپ، بوينى يارىلاندى. مارتتا يەنە، 77 ياشلىق بىر ئاسىيالىق (خىتاي) ئايال تاياق يەپ يارىلانغان ئىدى.

ئالدىنقى ھەپتە قوشنا شەھەر ئوكلاندتا، خىتاي مەھەللىسى سودا ئۇيۇشمىسى باشلىقى كارل چەنمۇ بىر كىشى تەرىپىدىن ئىرقىي ھاقارەتكە ئۇچراپ، تاياق يېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر