نىگېردا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

نىگېردا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ، 16 ئەسكەر بىلەن 4 پۇقرا يارىلاندى.

1634362
نىگېردا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېر ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، 200 گە يېقىن قوراللىق كىشى دۆلەتنىڭ غەربىدىكى بانىبانگۇ رايونىغا ھۇجۇم قىلغان، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ جاۋاب قايتۇرۇشىدىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن، توقۇنۇشتا 16 ئەسكەر بىلەن 4 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، بىر قىسىم ئەسكەرلەر يوقاپ كەتكەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، دۆلەتنىڭ غەربىي قىسمىدا يېقىندىن بۇيان زوراۋانلىق ۋەقەلىرى بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كەتمەكتە ئىكەن.

تاھوئا رايونىدا، 1 – ماي كۈنى ئەسكەرلەر قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، ھۇجۇمدا 16 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.

ساھېل رايونىدا «3 دۆلەت چېگراسى» دەپ بىلىنىدىغان بۇركىنا فاسو، مالى ۋە نىگېر چېگرا رايونى، يېقىنقى يىللاردا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەلقائىدەگە قاراشلىق گۇرۇپپىلار بىلەن دائېشنىڭ ھۇجۇملىرىغا سەھنە بولماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر