ماراكەشتە بىرئايال توققۇزكېزەك تۇغدى

ماراكەشنىڭ كاسابلانكا سەھىرىدە تۇغۇلغان مالىلىق ئايال بىرلا قېتىمدا  5 قىز ۋە 4 ئوغۇل بولۇپ، جەمئىي 9 بالا تۇغدى.

1634406
ماراكەشتە بىرئايال توققۇزكېزەك تۇغدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماراكەش پۇل-مۇئامىلە ۋە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، مالى پۇقراسى ھالىمە سىسىنىڭ كاسابلانكادىكى بىر سەھىيە ئورگىنىدا ئوپېراتسىيە ئارقىلىق توققۇزكېزەك تۇغقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھالىمە سىسى ۋە 9 بالىسىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ھالىمە سىسىنىڭ مالىنىڭ پايتەختى باماكودا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەردە قورسىقىدا 7 بوۋاق بارلىقىغا دائىر دىياگنوز قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى كۆزىتىش ئۈچۈن 30-مارتتا ماراكەشكە يۆتكەپ كېلىنگەن ئىدى.

ھالىمە سىسى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ئەكسىچە توققۇزكېزەك تۇغدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر