دائېش نېفىت قۇدۇقىغا ھۇجۇم قىلدى

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى باي ھەسەن رايونىدىكى نېفىت قۇدۇقلىرىدىن ئىككىسىگە قىلغان ھۇجۇمىدا بىر ساقچى ئۆلدى، 2 ساقچى يارىلاندى.

1634548
دائېش نېفىت قۇدۇقىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەركۈك جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسى باياناتچىسى ئامىر نۇرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش، ئونلارچە نېفىت قۇدۇقى بار شەھەرنىڭ غەربىي شىمالىدىكى باي ھەسەن رايونىدا، 177 – ۋە 183 – نومۇرلۇق نېفىت قۇدۇقلىرىغا، يېنىك تىپتىكى قورال – ياراغلار بىلەن ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇمدا بىر ساقچى ئۆلگەن، 2 ساقچى يارىلانغان، ھۇجۇمدىن كېيىن، ھەر ئىككى قۇدۇقتا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن، ۋەقەدىن كېيىنلا دەرھال مۇداخىلە قىلىنىپ، ئوت ئۆچۈرۈلگەن، ئوت قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆچۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن، نېفىت قۇدۇقلىرى زىيانغا ئۇچرىمىغان.

دائېش، 2014 – يىلى، ئىيۇن ئېيىدا، ئىراقنىڭ مۇسۇل، سالاھىدىن ۋە ئەنار ۋىلايەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى، دىيالە ۋە كەركۈك ۋىلايەتلىرىنىڭ بىر قىسمىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان، بۇ رايونلار يىللار ئىچىدە دائېشتىن قايتۇرۇۋېلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر