ئىسلامئوفوبى (ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ئېقىمى) غا قارشى قەتئىيلىك بىلەن كۈرەش قىلىش لازىم

پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئىسلامئوفوبى (ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ئېقىمى) غا قارشى قەتئىيلىك بىلەن كۈرەش قىلىشقا چاقىردى.

1633563
ئىسلامئوفوبى (ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ئېقىمى) غا قارشى قەتئىيلىك بىلەن كۈرەش قىلىش لازىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر ئىمران خان پايتەخت ئىسلامئابادتا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

ئىمران خان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارىتا ھاقارەت خاراكتېرىلىك باياناتلارنىڭ 1 مىليارد 500 مىليون مۇسۇلماننى ئېغىر يارىلىغانلىقى ۋە بۇنىڭ ھەرگىزمۇ پىكىر ئەركىنلىكى مەسىلىسى ئەمەسلىكى ھەققىدە  ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىنى قايىل قىلىشتا ئۇتۇققا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىمران خان قانداقلا چاغدا تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرسە، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنى يامان كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خۇسۇسىي ۋەقەلەرنىڭ بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ھەرىكىتىدەك كۆرسىتىلمەسلىكى ۋە ئاتالماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئىمران خان بىرەر كىشى تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان ھەر قانداق تېررورلۇق ياكى تېررورلۇقنىڭ ئىپادىلىرىنى ئىسلام ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئىسلامنى تېرورلۇققا چېتىش پۈتۈنلەي ناھەقچىلىقتۇر» دېدى.

ئىمران خان ئىسلامنى «رادىكاللىق ۋە تېررورلۇق» قا چېتىشقا شۇنداقلا ئىسلامئوفوبىغا قارشى قەتئىيلىك بىلەن كۈرەش قىلىش ئۈچۈن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا چاقىرىق ئېلان قىلدى.

ئىمران خان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە قۇرئانغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ۋە ھۆرمىتىنى چۈشىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا بىرلىكتە خىزمەت قىلىش تەكلىپى سۇندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر