بىل گەيتىس ئايالىدىن ئاجرىشىشنى قارار قىلدى
مىكروسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى ئامېرىكالىق مىلياردېر بىل گەيتىس ۋە ئايالى مېلىندا گەيتىس ئاجرىشىشنى قارار قىلدى.
1633454
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىل گەيتىس، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «مۇناسىۋىتىمىز ھەققىدە كۆپ ئويلانغاندىن كېيىن، ئاجرىشىشنى قارار قىلدۇق.»
ئۆزلىرىنىڭ 27 يىللىق ئەر - خوتۇنلۇق مۇساپىسى جەريانىدا 3 پەرزەنت يېتىشتۈرگەنلىكلىرىنى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قۇرغان فوندى جەمئىيەتلەرنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ساغلام ۋە كەشپىياتچان ئەۋلادلار يېتىشتۈرۈش پائالىيەتلىرىگە ياردەمچى بولغانلىقلىرى ۋە بۇنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن بىل گەيتىس، مۇنداق دېدى: «بىراق، ئۆمرىمىزنىڭ كېيىنكى باسقۇچىدا ئەر – خوتۇن سۈپىتىدە بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلىيەيمىز دەپ ئويلىمايمىز.»