7 – گ گۇرۇھى مىنىستىرلار يىغىنى باشلاندى

7 – گ گۇرۇھى مىنىستىرلار يىغىنى باشلاندى

1633612
7 – گ گۇرۇھى مىنىستىرلار يىغىنى باشلاندى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، فىرانسىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە ۋە كانادادىن تەشكىل تاپقان 7 – گ گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم يۈزتۇرانە بىر يەرگە جەم بولدى.

يىغىنغا، جەنۇبىي كورېيە، ھىندىستان، ئاۋسترالىيە ۋە جەنۇبىي ئافرىقا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى  برۇنېي سۇلتانلىقى مېھمان سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىندى.

ئەنگىلىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى كورنۋال يېزىسىدا 6-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە چاقىرىلىدىغان 7 – گ گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا تەييارلىق ئۇچرىشىشى دەپ قارىلىۋاتقان يىغىن، ئۇدا ئىككى كۈن داۋاملىشىدۇ.

يىغىندا، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئىران بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان يادرو سۆھبەتلىرى، سۈرىيەدە داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش، بىرمادىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى، رۇسىيە ۋە خىتاي مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر