ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ساياھەت چەكلىمىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئەزا دۆلەتلەرگە ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن تەستىقلانغان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىنالىرىنى ئەملەتكەن كىشىلەرگە مەۋجۇت ساياھەت چەكلىمىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەۋسىيە قىلدى.

1633175
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ساياھەت چەكلىمىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باياناتىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقرالىرى ياكى ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە تۇرۇش رۇخسىتى بولمىغان كىشىلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا مەجبۇر قالمىغان ئەھۋالدا قىلىدىغان ساياھەتلىرىدە ئىجرا قىلىنغان مەۋجۇت چەكلىمىلەرنى، ۋاكسىنا ئەملەش ۋە دۆلەتلىرىدىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر نەزەرگە ئېلىنغان ھالدا بوشىتىشنىڭ تەكلىپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كومىتېتنىڭ تەكلىپى ئەزا دۆلەتلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنسا، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەستىقلىغان ئىككى قېتىملىق ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسىنى ئەملەتكەن كىشىلەر، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە ساياھەت قىلالايدۇ. ساياھەتلەر ئۈچۈن ئىككىنچى قېتىملىق ۋاكسىنا ئەملىتىپ ئارىدىن 14 كۈن ئۆتكەن بولۇشى كېرەك.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىيونتېك-فايزېر (BioNTech-Pfizer )، مودېرنا (Moderna)، ئاسترازېنېكا (AstraZeneca) ، جونسون ۋە جونسون (Johnson and Johnson) ۋاكسىنالىرىنى تەستىقلىدى. بۇ ۋاكسىنالارنىڭ ئىچىدە جونسون ۋە جونسون ۋاكسىناسى بىرلا قېتىم ئەملىتىلىدۇ.

ياۋروپا دورا ئاگېنتلىقى (EMA) كىيۇرۋاك (Curevac)، نوۋاۋاكس (Novavax) ۋە V –سپۇتنىك ۋاكسىنالىرىنى باھالىماقتا. ھازىرچە بۇ ۋاكسىنالارغا تەستىق ئېلىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنۇلمىدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر سانى ئاز بولغان يەتتە دۆلەتتىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەركىن ساياھەت قىلىشقا يول قويۇلىدۇ. بۇ دۆلەتلەر، ئاۋستىرالىيە، يېڭى زېلاندىيە، رۋىۋاندا، سىنگاپور، جەنۇبىي كورېيە، تايلاند ۋە خىتاي. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەستىقلىغان ئەھۋالدا خىتايغا رۇخسەت قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر