باڭلادېشتا ئېغىر كېمە قازاسى يۈز بەردى

باڭلادېشنىڭ مادارىپۇر رايونىدىكى پادما دەرياسىدا بىر تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار كېمىسى بىلەن قۇم قاچىلانغان بىر پاراخوت سوقۇلۇپ كەتتى.

1632802
باڭلادېشتا ئېغىر كېمە قازاسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باڭلادېشنىڭ مادارىپۇر رايونىدىكى پادما دەرياسىدا بىر تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار كېمىسى بىلەن قۇم قاچىلانغان بىر پاراخوت سوقۇلۇپ كېتىپ، كەم دېگەندە 26 ئادەم قازا قىلدى.

«داككا مۇنبىرى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نۇرغۇن يولۇچى ئولتۇرغان تېز سۈرئەتلىك بىر كېمە پادما دەرياسىدا بىر قۇم توشۇغۇچى پاراخوتقا سوقۇلۇپ كەتكەن.

مادارىپۇر رايونلۇق ساقچى ئىدارىسى ئەمەلدارى مىراچ ھۈسەيىن، ۋەقەدە 26 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، نۇرغۇن كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئۇ، قۇتقۇزۇش خادىملىرى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان بەش كىشىنىڭ كىشىنىڭ دوختۇرخانىدا بالنىستقا ئېلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، رايوندىكى ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر