ئىراقتا دائېشنىڭ ھۇجۇمى جانغا زامىن بولدى
ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ھۇجۇمىدا 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 2 كىشى يارىلاندى.
1632026
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزى ئەربىل شەھىرىگە جايلاشقان بىر تاراتقۇنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش، ئالتۇنكۆۋرۈك يېزىسى ئەتراپىدا، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق پەشمەرگە كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلغان.
پەشمەرگە كۈچلىرىنىڭ كەركۈك غەربىي ئالدىنقى سېپىنىڭ مەسئۇلى نۇرى ھېمې ئەلىنىڭ ئېيتىشىچە، ھۇجۇمدىن كېيىن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، 3 پەشمەرگە ئەسكىرى ئۆلگەن، ئىككىسى يارىلانغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.