بېلگىيەدە 22 مىڭ قورال – ياراغ ئېرىتىلىپ، پولاتقا ئايلاندۇرۇلدى

بېلگىيەدە 22 مىڭ قورال – ياراغ قايتا پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئەۋەتىلىپ ئېرىتىلدى ۋە بۇنىڭدىن 60 توننا پولات قولغا كەلتۈرۈلدى.

1632030
بېلگىيەدە 22 مىڭ قورال – ياراغ ئېرىتىلىپ، پولاتقا ئايلاندۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيەدە، يېرىمى بىر مەزگىل ساقچىلار ئىشلەتكەن، قالغان يېرىمى دۆلەت مىقياسىدىكى پۇقرالار تەرىپىدىن توپلانغان ۋە ئۆمرىنى تاماملىغان 22 مىڭ كونا قورال – ياراغ  قايتا پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئەۋەتىلىپ، 3 كۈن ئىچىدە ئېرىتىلدى ۋە بۇنىڭدىن 60 توننا پولات قولغا كەلتۈرۈلدى.

بېلگىيە ساقچىلىرى ئىلگىرىمۇ ئۇدا 2 قېتىم ئۆمرىنى تاماملىغان قورال – ياراغلارنى قايتا پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئەۋەتىپ، ئۇنى پولاتقا ئايلاندۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر