ئىسرائىلىيەدە ئېغىر قىستاڭچىلىق ۋەقەسى يۈز بەردى

ئىسرائىلىيەدە لاگ بائومەر بايرىمى تەبرىكلەنگەن رايوندا كۆرۈلگەن قىستاڭچىلىق سەۋەبىدىن 44 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، 103 ئادەم يارىلاندى.

1631148
ئىسرائىلىيەدە ئېغىر قىستاڭچىلىق ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېرون تېغىدىكى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان جايدا يېرىم كېچىدىن ئۆتكەندە نامەلۇم بىر سەۋەبتىن قىستاڭچىلىق يۈز بەردى.

ۋەقەدە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرغا ئاساسەن، رايونغا ئالتە قۇتقۇزۇش تىك ئۇچار ئايروپىلانى ۋە كۆپ ساندا سەھىيە خادىمى ئەۋەتىلدى.

باش مىنىستىر بىنيامىن نېتانياھۇ تىۋىتتېردا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، ۋەقەگە «ئېغىر ئاپەت» دەپ باھا بېرىپ، يارىلانغانلارنىڭ سالامەتىلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ئېرۇسالىم پوچتىسى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە بولسا، قىستاڭچىلىقتا 44 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، 103 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى، يارىلانغانلارنىڭ 44 نەپىرىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئۇندىن باشقا، رايونغا بىر دالا دوختۇرخانىسى تەسىس قىلىنغانلىقى ۋە ئالدىراشچىلىق سەۋەبىدىن تېلېفون تورىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ مېرون تېغىدىكى قىستاڭچىلىق ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر