ياۋروپا ئىتتىپاقى توردا تېررورلۇق ئۇچۇرلىرىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بەلگىلىمىسى چىقاردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى تەييارلىغان «توردا تېررورلۇق ئۇچۇرلىرىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بەلگىلىمىسى» ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتتى.

1630492
ياۋروپا ئىتتىپاقى توردا تېررورلۇق ئۇچۇرلىرىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بەلگىلىمىسى چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا پارلامېنتى، توردا تېررورلۇققا دائىر ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مۇلازىمېتىرلارنىڭ تېررورلۇق ئۇچۇرلىرىنى بىر سائەت ئىچىدە ئۆچۈرۈپ تاشلىشىنى مەزمۇن قىلغان قانۇنىي بەلگىلىمىنى قوبۇل قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى تەييارلىغان يېڭى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، رەقەملىك سۇپىلار ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدىكى تېررورلۇققا دائىر يازمىلارنى  يوليورۇق بېرىلىپ بىر سائەت ئىچىدە تېزدىن ئۆچۈرۈۋېتىشى ياكى چەكلىشى شەرت ئىكەن.

ئەگەر قانۇندىكى كۆرسەتمىلەرگە خىلاپ ھالدا ئۇ خىل تېمىلار ئۆچۈرۈلمىگەن ياكى توسۇۋېتىلمىگەن تەقدىردە، مۇلازىمېتىر شىركەتلەرگە جەرىمانە قويۇلىدىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى كېلەر ئايدىن باشلاپ بۇ قانۇننى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي قانۇنلىرىغا ماسلاشتۇرىدىكەن. قانۇن بىر يىلدىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تولۇق يولغا قويۇلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر