سۈرىيەنىڭ جەرابلۇس ناھىيەسىدە تېررورلۇق ھۇجۇملىرى يۈز بەردى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى جەرابلۇس ناھىيەسىدە ئايرىم - ئايرىم 2 نۇقتىدا بىرلا ۋاقىتتا يۈز بەرگەن بومبىلىق تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا 1 بالا ئۆلدى، 20 پۇقرا يارىلاندى.

1629720
سۈرىيەنىڭ جەرابلۇس ناھىيەسىدە تېررورلۇق ھۇجۇملىرى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى» ئارقىلىق تېررورچىلاردىن تازىلانغان جەرابلۇس ناھىيەسى مەركىزىدە، بىر موتوسىكلىت بىلەن بىر پۇقراۋى ئاپتوموبىلغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبىلار، بىرلا ۋاقىتتا پارتلىتىلدى.

ھۇجۇملار نەتىجىسىدە، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا 1 بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى، 20 پۇقرا يارىلاندى.

يارىدارلار جەرابلۇستىكى دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

ئۆلگەنلەر ۋە يارىلانغانلار سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.

نەق مەيداندا تەكشۈرۈشلەردە بولغان يەرلىك بىخەتەرلىك كۈچلىرى، ھۇجۇملارنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇش ئېھتىماللىقى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر