نىگېرىيە پىرېزىدېنتى بۇخارىدىن ئامېرىكاغا چاقىرىق

نىگېرىيە پىرېزىدېنتى مۇھەممەد بۇخارى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق كۆرۈشتى.

1629842
نىگېرىيە پىرېزىدېنتى بۇخارىدىن ئامېرىكاغا چاقىرىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇخارى ئۇچرىشىشتا، ئافرىقا قىتئەسىدە بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان بىخەتەرلىك كىرىزىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن ئامېرىكا ئافرىقا قىسىملىرى مەركىزىنى، گېرمانىيەنىڭ ستۇتگارت شەھىرىدىن ئافرىقاغا يۆتكىشىنى تەلەپ قىلدى.

بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىگە قارشى كۈرەشتە نىگېرىيە ۋە غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتتىن ياردەم تەلەپ قىلغان بۇخارى، مۇنداق دېدى: «نىگېرىيەدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى بىزگە نىسبەتەن ئەڭ چوڭ ئەندىشە مەنبەسى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا، ساھېل، ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئافرىقادىن سىرت يەنە، چاد كۆلى ئويمانلىقىدىكى مەۋجۇت قالايمىقانچىلىقلارمۇ بىزگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەكتە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر