خىتاينىڭ ب د ت ۋىيېننا ئىشخانىسى دائىمىي ۋەكىلى ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى ھەققىدە توختالدى

خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋىيېننا ئىشخانىسى دائىمىي ۋەكىلى باش ئەلچى ۋاڭ چۈن ئامېرىكانىڭ ئىرانغا يۈرگۈزگەن ئېمبارگولىرىنى بېكار قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

1629852
خىتاينىڭ ب د ت ۋىيېننا ئىشخانىسى دائىمىي ۋەكىلى ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى سۆھبىتى ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادا داۋاملاشماقتا.

ۋىيېننادا ئومۇميۈزلۈك بىرلەشمە ھەرىكەت پىلانى (COPP) دەپ ئاتىلىدىغان ئىران يادرو كېلىشىمىنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشى ۋە ئامېرىكانىڭ كېلىشىمىگە قايتىپ كېلىشى توغرىسىدىكى مۇزاكىرىلەر تەرەپ دۆلەتلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن داۋاملاشماقتا.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالى ۋەكىللىكىگە ۋاكالىتەن ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار ئىدارىسى مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋە سىياسىي دىرېكتورى ئېنرىك مورانىڭ رىياسەتچىلىكىدە  بىر يەرگە جەم بولغان، ئومۇميۈزلۈك بىرلەشمە ھەرىكەت پىلانى (COPP)  بىرلەشمە كومىتېتى يىغىنىغا، رۇسىيە، خىتاي، گېرمانىيە، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە ۋە ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەقىللىرى قاتناشتى.

خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋىيېننا ئىشخانىسى دائىمىي ۋەكىلى باش ئەلچى ۋاڭ چۈن كېلىشىمگە ئالاقىدار مۇزاكىرىلەردە 4-ھەپتىگە قەدەم قويۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ،  بەزى مەسىلىلەردە ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلگەنلىكىنى، لېكىن يەنىلا كۆز قاراشتىكى ئوخشىماسلىقلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ۋاڭ چۈن ئىران بىلەن ئامېرىكانىڭ كېلىشىمگە تولۇق قايتىپ كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتلەرنى تەشكىللەشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكانىڭ ئىران ۋە ئۈچىنچى دۆلەتلەرگە يۈرگۈزگەن ئېمبارگولىرىنى بېكار قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى شۇنداقلا ئىراننىڭ كېلىشىمنى تولۇق ئىجرا قىلىشنى باشلىشىدا بۇنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رۇسىيەنىڭ ب د ت ۋىيېننا ئىشخانىسىدىكى دائىمىي ۋەكىلى باش ئەلچى مىخايىل ئۇلىيانوۋمۇ تىۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، تەرەپلەرنىڭ كېلىشىمنىڭ ئەسلى نۇسخىسىغا قايتىشقا قوشۇلغانلىقىنى ۋە ماس قەدەمدە بۇ باسقۇچنى تېزلىتىشنىڭ قارار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر