بېلگىيە ئۈچ دۆلەتتىن كەلگەن كىشىلەرگە چەكلىمە قويدى

بېلگىيە ھۆكۈمىتى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان، شۇنداقلا ۋىرۇسنىڭ يېڭى ۋارىيانتلىرى ئوتتۇرىغا چىققان ھىندىستان، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە بىرازىلىيەدىن ساياھەتچىلەرنىڭ كېلىشىنى زۆرۈر بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا چەكلىدى.

1629368
بېلگىيە ئۈچ دۆلەتتىن كەلگەن كىشىلەرگە چەكلىمە قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيە ھۆكۈمىتى ھىندىستان، بىرازىلىيە ۋە جەنۇبىي ئافرىقا پۇقرالىرىنىڭ كېلىشىگە چەكلىمە قويدى.

بېلگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىدا چىقىرىلغان قارار بويىچە، مەزكۇر ئۈچ دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ بېلگىيە چېگراسىدىن كىرىشىگە، ئىنتايىن زۆرۈر ئەھۋاللاردا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

ھىندىستان، بىرازىلىيە ۋە جەنۇبىي ئافرىقادىن بېلگىيەگە كېلىشى زۆرۈر بولغان قاتناش خادىملىرى، دېڭىزچىلار، دىپلوماتلار، خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەتچىلىرى قاتارلىق چەكلىك ساندىكى كىشىلەر مۇستەسنا تۇتۇلىدۇ.

بېلگىيە چېگراسىدىن كىرگەن كىشىلەر ئۆزىنى كارانتىن قىلىشى ۋە سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈشى كېرەك. ئۈچ دۆلەتتىن كەلگەن بېلگىيە پۇقرالىرى ۋە بېلگىيەدە تۇرۇش رۇخسىتى بولغان كىشىلەرگىمۇ بۇ تەدبىر ئىجرا قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر