ياۋروپا ئىتتىپاقى ھىندىستانغا ياردەم ئەۋەتىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى يېقىنقى كۈنلەردە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر كۆپىيىۋاتقان ھىندىستاننىڭ تەلىپىگە بىنائەن ياردەم ئەۋەتىشكە تەييارلاندى.

1628337
ياۋروپا ئىتتىپاقى ھىندىستانغا ياردەم ئەۋەتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۇرسۇلا فوندېرلىيېن (Ursula von der Leyen) تۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ: «ھىندىستاندىكى ۋەزىيەت كىشىنى ئەندىشەلەندۈرىدۇ، بىز ياردەم قىلىشقا تەييار» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ كىرىزىس باشقۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى يانېز لېنىرچىك (Janez Lenarcic) ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھىندىستانغا ئوكسىگېن ۋە دورا ئەۋەتشكە تەييارلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ھىندىستاندا، كۈنلۈك يۇقۇم سانى كۈنسېرى يۇقىرى ئۆرلىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر