ھىندونېزىيەدە يوقاپ كەتكەن سۇ ئاستى پاراخوتى خادىملىرىنىڭ ھەممىسى قازا قىلدى

ھىندونېزىيە مەسئۇللىرى 21-ئاپرېلدا يوقۇلۇپ كەتكەن سۇ ئاستى پاراخوتىدىكى 53 خادىمنىڭ ھەممىسىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1627846
ھىندونېزىيەدە يوقاپ كەتكەن سۇ ئاستى پاراخوتى خادىملىرىنىڭ ھەممىسى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيە دۆلەتلىك قوراللىق قىسىملار قوماندانى مارشال ھادى تىجاھجانتو ئېلان قىلغان باياناتىدا، سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ يوقاپ كەتمىگەنلىكى، بەلكى دېڭىزغا شۇڭغۇش جەريانىدا بالى ئارىلىغا يېقىن جايدا چۆكۈپ كەتكەنلىكىگە دائىر ئېنىق پاكىتلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن ھەربىي مەسئۇللار سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ئوكسىگېن زاپىسىنىڭ بۈگۈن بالدۇرلا تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتىدىكى خادىملارنىڭ ھايات بولۇشىغا دائىر ئۈمىتنىڭمۇ قىلمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

«KRI Nanggala-402» ناملىق سۇ ئاستى پاراخوتى بىلەن بولغان ئالاقە 21-ئاپرېلدىن بېرى ئۈزۈلۈپ قالغان ئىدى.

سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ بالى ئارىلىغا شىمالدىن 95 كىلومىتىر كېلىدىغان جايدا يوقاپ كەتكەنلىكى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

ھىندونېزىيە دېڭىز ئارمىيەسى يوقاپ كەتكەن سۇ ئاستى پاراخوتىنى ئىزدەپ تېپىش خىزمەتلىرى ئۈچۈن رايونغا  6 ئۇرۇش پاراخوتى، 1 تىك ئۇچار ۋە 400 خادىم ئەۋەتكەن ئىدى.

يوقاپ كەتكەن سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ دېڭىزغا چۇڭقۇرلاپ شۇڭغىغان جايغا يېقىن يەردە ماي ئېقىپ كېتىش ھادىسىسىگە ئۇچرىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر