فىرانسىيەدىكى تۈركلەر چادتىكى نامراتلارغا ياردەم بەردى

فىرانسىيەدىكى تۈرك ساخاۋەتچىلىرى قۇرغان بىر خەير- ساخاۋەت جەمئىيىتى، ئوتتۇرا ئافرىقا دۆلىتى چادتىكى 250 ئائىلىگە يېمەكلىك ياردىمى بەردى.

1627484
فىرانسىيەدىكى تۈركلەر چادتىكى نامراتلارغا ياردەم بەردى
cad yardim.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەمئىيەت رەئىسى مەھمەت يىلماز ئانادولۇ ئاگېنتلىقى(AA) غا بايانات بېرىپ، رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن تۇنجى قېتىم چادقا بېرىپ تۆت سۇ قۇدۇقى ئاچقانلىقىنى ۋە يېتىم بالىلار ئۈچۈن ئىپتار پىروگراممىسى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەير – ساخاۋەتچىلەرنىڭ ئىئانىلىرى بىلەن سېتىۋېلىنغان يېمەكلىك ساندۇقلىرىنى ياردەمگە موھتاج 250 ئائىلىگە يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن يىلماز: «بىز چادلىقلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشى ۋە ئۇلارنىڭ تۈركلەرگە بولغان قېرىنداشلىق ھېسسىياتىدىن ئىنتايىن خۇشالمىز. چادتىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشنى ئارزۇ قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر