ھىندىستاندا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 314 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمدە يۇقۇم بايقالدى

ھىندىستاندا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 314 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمدە كوۋىد - 19 يۇقۇمىنىڭ بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1626252
ھىندىستاندا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 314 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمدە يۇقۇم بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاندا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 314 مىڭدىن ئارتۇق يۇقۇملانغۇچى بايقالغانلىقى ۋە بۇ ساننىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيانقى دۇنيا مىقياسىدا كۆرۈلگەن كۈندىلىك ئەڭ كۆپ بىمار سانى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

مۇتەخەسسىسلەر، دۆلەت مىقياسىدا يۇقۇملاغۇچىلار سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ دوختۇرخانىلارنىڭ بىمار قوبۇل قىلىش سىغىمچانلىقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەنلىكىنى، سەھىيە سىستېمىسىنىڭ «يىمىرىلىش باسقۇچى»غا بېرىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

سەھىيە مىنىستىرلىقى خادىملىرى، پايتەخت يېڭى دېھلى (دېلھى)دىكى دوختۇرخانىلاردا ئوكسىگېن قۇتىلىرى، كارۋات ۋە كوۋىد – 19 بىمارلىرىنى داۋاملاشقا كېرەكلىك بىر قىسىم مۇھىم دورىلارنىڭ كەمچىللىك ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مەركىزىي ھۆكۈمەتنى ئۆلكىنى جىددىي ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاشقا چاقىردى.

ھىندىستان 2- ئاپرېلدىن باشلاپ ھەر كۈنى دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ يۇقۇملانغۇچى بايقالغان دۆلەت بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر