بېيجىڭ ئاۋسترالىيەگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى

بېيجىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى» دائىرىسىدە، ۋىكتورىيە ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئىككى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى بىكار قىلىۋېتىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1626528
بېيجىڭ ئاۋسترالىيەگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ ۋىكتورىيە ئۆلكىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ بىكار قىلىنىشىدىن كېيىن ئاۋسترالىيەگە كەسكىن ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ ئىنكاس قايتۇردى.

ۋاڭ ۋېنبىن، ئاۋسترالىيەنىڭ قارارىغا «ئاللىقاچان ئۇپراپ كەتكەن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرىدىغان <چېكىنىش>» دەپ باھا بەردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ جاۋاب قايتۇرۇش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن باياناتچى ۋاڭ ۋېنبىن، ئاۋسترالىيەنى بۇ قاراردىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى.

ئۇ،ئاۋسترالىيەنىڭ قارارىنى قايتۇرۇۋالماسلىقىنىڭ، خىتاينىڭ «كۈچلۈك شەكىلدە ئىنكاس قايتۇرۇشى»غا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاۋسترالىيەنىڭ ۋىكتورىيە ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتى، تۈنۈگۈن (2021-يىلى 21-ئاپرېل) خىتاينىڭ ئىران ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ئىمزالىغان ئىككى كېلىشىمىنىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە توغرا كەلمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا تاشقى مۇناسىۋەتكە زىت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر