ئامېرىكا پاكىستاننى كىلىمات ئۆزگىرىشى باشلىقلار يىغىنىغا تەكلىپ قىلدى

ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى دەسلەپتە تەكلىپ قىلمىغان پاكىستاننى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن 22 – 23 – ئاپرېل كۈنلىرى تور مۇھىتى ئاستىدا چاقىرىلىدىغان كىلىمات ئۆزگىرىشى باشلىقلار  يىغىنىغا تەكلىپ قىلدى.

1625081
ئامېرىكا پاكىستاننى كىلىمات ئۆزگىرىشى باشلىقلار يىغىنىغا تەكلىپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان باش مىنىستىر ئىمران خاننىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى مالىك ئامىن ئاسلام، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى جون كېرىدىن باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تەكلىپ مەكتۇبى تاپشۇرۇۋالغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىلىمات ئۆزگىرىشى باشلىقلار يىغىنىنىڭ 22 – ئاپرېل كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولتۇرۇشىغا، پاكىستانغا ۋاكالىتەن ئۆزىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن، 26 – مارت كۈنى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 40 دۆلەتنىڭ رەھبىرىنى تور مۇھىتى ئاستىدا چاقىرىلىدىغان كىلىمات ئۆزگىرىشى باشلىقلار يىغىنىغا تەكلىپ قىلغانىدى.

بايدىننىڭ باشلىقلار يىغىنىغا پاكىستاننى تەكلىپ قىلماسلىقى، پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خاننىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانىدى.

ئىمران خان، 3 – ئاپرېل كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، مەزكۇر يىغىنغا پاكىستاننىڭ تەكلىپ قىلىنماسلىقىدىن تولىمۇ غەلىتىلىك ھېس قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر