ئامېرىكادىكى نۇرغۇن ئىشتاتلاردا ساقچىلارغا قارشى نامايىشلار داۋاملاشماقتا

ئەسلى ئافرىقىلىق ياش دائۇنتې رايتنىڭ بىر ساقچى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىشى بىلەن باشلانغان نامايىش مىننىئاپولىس شەھرىدە داۋاملىشىۋاتقىنىغا 1 ھەپتىدىن ئاشتى.

1624006
ئامېرىكادىكى نۇرغۇن ئىشتاتلاردا ساقچىلارغا قارشى نامايىشلار داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نەچچە يۈزلىگەن كىشى برۇكلىن ساقچى ئىدارىسى ئالدىدا ۋە مىننېسوتا ئۇنۋېرسىتىتىدا يىغىلىپ، ئىرقىي ئايرىمچى ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا ۋە ساقىلارنىڭ نامايىشچىلارغا قاراتقان قاتتىق قوللىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

پورتلاندتىمۇ  نامايىشچىلار ئامېرىكىدا ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئافرىقىلىقلارنىڭ ئىسمىنى يۇقىرى ئاۋازدا ئوقۇدى ۋە  رايت ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلدى.

دېنۋېردىمۇ نامايىشچىلار لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈشۈپ، «قارا تەنلىكلەرنىڭ ھاياتى مۇھىم» دېگەن شوئارلارنى توۋلىدى ۋە ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

شىمالىي كارولىنا ئۆلكىسىگە قاراشلىق شارلوت شەھىرىدە، «قارا تەنلىكلەرنىڭ ھاياتى مۇھىم» گۇرۇپپىسى ئەزالىرى ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى. فىرست ۋارد باغچىسىغا يىغىلغان نامايىشچىلار شەھەر مەركىزىگە قاراپ يۈرۈش قىلدى.

دائۇنتې رايتنى ئۆلتۈرگەن ساقچى مەمۇرى كىم پوتتېر ئىككىنچى دەرىجىلىك قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.

ئېھتىياتسىزلىقتىن توك تاپانچىسىنى ئالىمەن دەپ ھەقىقى تاپانچىسىنى چىقارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كىم پوتتېرنىڭ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى تەلەپ قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر