ئەنگىلىيە رۇسىيەلىك رۇسىيەلىك ئۆكتىچى ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ سالامەتلىكىدىن ئەندىشە قىماقتا

ئەنگىلىيە رۇسىيەدە تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان رۇسىيەلىك ئۆكتىچى ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىشىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1623941
ئەنگىلىيە رۇسىيەلىك رۇسىيەلىك ئۆكتىچى ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ سالامەتلىكىدىن ئەندىشە قىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، رۇسىيەدىن «سىياسىي سەۋەبلەر» بىلەن قولغا ئېلىنغان ناۋالنىينى دەرھال قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىندى.

ناۋالنىينىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ناچارلاشقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەردىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، مۇستەقىل سەھىيە خادىملىرىنىڭ ناۋالنىينىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشىگە رۇخسەت بېرىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى.

رۇسىيەلىك ئۆكتىچى ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ تۇرۇشلۇق تۈرمىدە تىببىي ياردەم تەلىپىنىڭ رەت قىلىنغانلىقى سەۋەبىدىن ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.

موسكۋا شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى 2 – فېۋرالدا ناۋالنىينىڭ ئىلگىرىكى چىرىكلىك دېلوسى نەتىجىسىدە 3.5 يىللىق كېچىكتۈرۈلگەن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان بولۇپ، ئۆيىدە ئۆتكۈزگەن نازارەت جازاسىنىمۇ ھېسابقا قوشۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ جازاسى 2.5 يىللىق قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر