مىسىر ئارمىيەسى ئالدىنقى ئايدا غەززە رايونى چېگراسىدىكى 5 تونېلنى ۋەيران قىلدى

مىسىر ئارمىيەسىنىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، چېگرا مۇھاپىزەت ئەترىتى ئالدىنقى ئايدا غەززە چېگراسىدا 5 تونېلنى بايقىغان.

1624057
مىسىر ئارمىيەسى ئالدىنقى ئايدا غەززە رايونى چېگراسىدىكى 5 تونېلنى ۋەيران قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتتا مەزكۇر تونېللارنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقى، بۇنىڭدىن باشقا يەنە، مارت ئېيىدا ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن 2750 قانۇنسىز كۆچمەننىڭ دۆلەتكە قانۇنسىز كىرىشكە ئۇرۇنۇشىنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مىسىر ھۆكۈمىتى 2020-يىلى ئاپرېلدىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ قورشاۋى ئاستىدىكى غەززە رايونىنىڭ شەرقىي شىمال چېگراسىغا «تېرورلۇق ئۇنسۇرلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسۇش ۋە قورال-ياراغ، ئوق-دورا ئەتكەسچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەڭپۇڭ  رايون» قۇرۇشقا تىرىشماقتا.

مىسىر جۇغراپىيەلىك ئورنى سەۋەبىدىن  بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىگە، بولۇپمۇ گۇرېتسىيە، ئىتالىيە ۋە فىرانسىيەگە قانۇنسىز كۆچۈش ئۈچۈن مۇھىم ئۆتكۈنچى دۆلەت سۈپىتىدە ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر