ئامېرىكادىكى تۈرك جەمئىيەتلىرى بايدىننى ئەرمەنى دەۋاسىنى تىلغا ئالماسلىققا چاقىردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى، پىرېزىدېنت جو بايدىننى 24- ئاپرېلدا ئەرمەنلەرنىڭ ئاتالمىش 1915 – يىل دەۋالىرىنى تىلغا ئالماسلىققا چاقىردى.

1623127
ئامېرىكادىكى تۈرك جەمئىيەتلىرى بايدىننى ئەرمەنى دەۋاسىنى تىلغا ئالماسلىققا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك - ئامېرىكا يېتەكلەش كومىتېتىنىڭ بايدېنغا يوللىغان مەكتۇپىدا، 1885- يىلىدىن 1919- يىلىغىچە بولغان جەرياندىكى ئەرمەن ئىسيانلىرى ۋە ئوسمانلىلارنىڭ بۇنىڭغا بىلدۈرگەن ئىنكاسى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن ئادەم ئۆلۈش ئەھۋاللىرىدىن چوڭقۇر قايغۇرىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ: «1915 – يىل ئەيىبلەشلىرىدىنمۇ بەكرەك يارىشىش، ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئادىل ۋە مۇۋاپىق يولدۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

مەكتۇپتا، ب د ت جەنۋە ئەھدىنامىسى ۋە ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، ئەرمەن ۋەقەسىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قارالمايدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنىپ: «24- ئاپرېلدا تۆھمەت چاپلاشنىڭ ئورنىغا، سىزنى ئەرمەنلەر بىلەن تۈركلەرنى ئورتاق ئۆتمۈش ئەتراپىدا بىرلەشتۈرۈشكە ۋە مۇرەككەپ ئۆتمۈش بىلەن مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ھېسابلىشىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلىمىز» دېيىلدى.

ۋاشىنگىتونغا جايلاشقان تۈرك - ئامېرىكا جەمئىيەتلىرى ئانسامبىلىمۇ بايدېنغا ئوچۇق خەت ئەۋەتىپ، 24 – ئاپرېلدا ئېلان قىلىدىغان باياناتىدا، ئەرمەنلەرنىڭ تەشۋىقاتىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزى ۋەكىللىك قىلىۋاتقان يېرىم مىليونلۇق تېگى تۈرك ئامېرىكالىقلارنىمۇ ئويلىشىشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر