دائېشنىڭ ئاتالمىش مۇسۇل ئەمىرى ئادانادا قولغا چۈشۈرۈلدى

ئادانا ئېلىپ بېرىلغان دائېشقا زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان چەت ئەل پۇقراسى يەتتە گۇماندارنىڭ ئىككىسى قولغا ئېلىندى.

1623182
دائېشنىڭ ئاتالمىش مۇسۇل ئەمىرى ئادانادا قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانادادا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە ئىستىخبارات تارماقلىرى خادىملىرى 13 – ئاپرېلدا دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى نامىدىن سۈرىيە ۋە ئىراقتا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ نازارەت ئاستىغا ئالغان تۆتى ئىراق، ئۈچى سۈرىيەلىك بولۇپ جەمئىي يەتتە گۇماندارنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىكى تەكشۈرۈشلىرى تاماملاندى.

سوت مەھكىمىسىگە يوللانغان گۇماندارلاردىن ئابدۇلكەرىم يۇسۇف ن بىلەن يەزەن ئەل س. نۆۋەتچى جىنايى ئىشلار مەھكىمىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى. قويۇپ بېرىلگەن باشقا گۇماندارلار چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشى تەلەپ قىلىنغان ھالەتتە ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

قولغا ئېلىنغان ئابدۇلكەرىم يۇسۇف ن.نىڭ دائېشنىڭ ئاتالمىش ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرى ئەمىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر