بايدىن پىرېزىدېنتلىققا سايلانغاندىن بويان تۇنجى بولۇپ ياپونىيە باش ۋەزىرى بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن 2021- يىلى 1- ئاينىڭ 20- كۈنى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق يۈزتۇرانە ئۇچرىشىشىنى ئاقسارايدا ياپونىيە باش مىنىستىرى سۇگا يوشىخىدې بىلەن ئۆتكۈزدى.

1623125
بايدىن پىرېزىدېنتلىققا سايلانغاندىن بويان تۇنجى  بولۇپ ياپونىيە باش ۋەزىرى بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايدىن بىلەن ياپونىيە باش مىنىستىرى سۇگا يوشىخىدې ئاقسارايدىكى ئۇچرىشىشىدىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

جو بايدىن، يىغىندا ئىككى دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقداشلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەنلىكىنى بايان قىلىپ: «بىز خىتاينىڭ شەرقىي خىتاي دېڭىزى، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەردىكى پوزىتسىيەسى ۋە شىمالىي كورېيە مەسىلىسىدە بىرلىكتە خىزمەت قىلىش توغرىسىدا ئۆزئارا ۋەدە بېرىشتۇق... (ئىككى تەرەپ) ھىندى تىنچ ئوكياندىكى دوستلىرىمىز ۋە قوشنىلىرىمىزنى قوللاش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بايدېن ئۆزلىرىنىڭ ياپونىيە بىلەن تېخنىكا ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا مەبلەغ سېلىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كۈرەش مەسىلىسىدىمۇ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، ئامېرىكانىڭ ئىران سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ: «بىز ئىراننىڭ %60 ساپ ئۇران ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشىنى قوللىمايمىز، ئۇنىڭ پايدىسى يوق. بۇ ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىگە زىت» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر