ئىران: ۋىيېننا يىغىنىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنالمىسا، سۆھبەتلەرگە خاتىمە بېرىمىز

ئىران ۋىيېننا يىغىنىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنالمىغان تەقدىردە، سۆھبەتلەرگە خاتىمە بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1622105
ئىران: ۋىيېننا يىغىنىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنالمىسا، سۆھبەتلەرگە خاتىمە بېرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كەڭ دائىرىلىك ئورتاق ھەرىكەت پىلانى، دەپ ئاتىلىدىغان يادرو كېلىشىمىگە قايتىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان ۋىيېننا يىغىنىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنالمىغان تەقدىردە، سۆھبەتلەرگە خاتىمە بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىران مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى ئىران دۆلەت دۆلەت تېلېۋىزىيەسىگە «ۋىيېننا يىغىنى» توغرىسىدا بايانات بېرىپ: «ئىككى كۈندىن بۇيان ھەيئەتلەر ئارا قويۇق ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزۈلدى. ئورتاق كومىتېت يىغىنى بۈگۈن يەنە بىر قېتىم رەسمىي باشلىنىدۇ» دېدى.

ئۇ سۆھبەتلەرنىڭ يۈزەكى بولماسلىقى كېرەكلىكىگە ئىشارەت قىلىپ: «ئەگەر سۆھبەتلەردە بەرپاچى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنسا، داۋاملاشتۇرىمىز. ئەكسىچە بولغاندا، ئۇنىڭغا خاتىمە بېرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى، خىتاي، فىرانسىيە، گېرمانىيە، رۇسىيە ۋە ئەنگلىيە بىلەن ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يادرو كېلىشىمىگە قايتىپ كېلىشى، ئىرانغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنىشى ۋە كېلىشىمنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشى مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننا سۆھبەت ئۆتكۈزمەكتە.

تەرەپلەر، بىرىنچى قېتىم 6 – ئاپرېل ۋىيېننادا كۆرۈشۈپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر