تالىبان بىر ھەربىي رايونغا ھۇجۇم قىلدى
تالىبانلارنىڭ ئافغانىستاننىڭ زابۇل ۋىلايىتىدىكى بىر ھەربىي رايونغا قىلغان ھۇجۇمىدا 10 خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
1621981
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زابۇل ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باياناتچىسى مۇھەممەد ۋەيس سەمىم، تالىبانلارنىڭ زابۇلنىڭ خولان رىبات رايونىدىكى ھەربىي رايونغا قوراللىق ۋە بومبىلىق ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
زابۇل ۋىلايەتلىك شۇرا (كېڭەش)نىڭ باشلىقى ئاتا جان ھەقبايان، ھۇجۇمدا 10 خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
تالىبان ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.