يېڭى زېلاندىيە خىتايغا چارۋىلارنى دېڭىز ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىشنى چەكلىدى

مىنىستىر ئوكوننور يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى ۋە ئاساسلىق تىرىك كالا سېتىۋالغۇچىسى بولغان خىتايغا بۇ چەكلىمە ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىنغانلىقىنى، بىراق خىتايدىن تېخىچە جاۋاب ئالالمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

1621389
يېڭى زېلاندىيە خىتايغا چارۋىلارنى دېڭىز ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىشنى چەكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى زېلاندىيە ھايۋانلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە دائىر ئەندىشە سەۋەبىدىن، چارۋىلارنىڭ دېڭىز ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنىشىنى چەكلىدى.

يېڭى زېلاندىيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى دامېن ئوكوننور كالا ۋە باشقا چارۋىلارنى ئېكسپورت قىلىش توغرىسىدا ھازىرقى مەۋجۇت كېلىشىملەر تۈپەيلىدىن بۇ چەكلىمىنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشىغا ئىككى يىل ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئوكوننور دۆلەتنىڭ ئىناۋىتىنىڭ ھەر قانداق ئىقتىسادىي مەنپەئەتتىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى تەكلىتلەپ، يېڭى زېلاندىيە دېڭىز قىرغاقلىرىدىن ئۆتكەندىن كېيىن بۇ ھايۋانلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا  ھازىرچە ئامال يوقلىقىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىر ئوكوننور يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى ۋە ئاساسلىق تىرىك كالا سېتىۋالغۇچىسى بولغان خىتايغا بۇ چەكلىمە ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىنغانلىقىنى، بىراق خىتايدىن تېخىچە جاۋاب ئالالمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

چەكلەش قارارىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى تەكىتلىگەن ئوكوننور، بۇنىڭ ھايۋانلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

2020-يىلى 5800 كالىنى ئېلىپ خىتايغا ماڭغان پاراخوت ياپونىيەگە يېقىن جايدا چۆكۈپ كەتكەن ۋە 40 تىن ئارتۇق پاراخوت خادىمى قازا قىلغاندىن كېيىن، يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتى بۇ خىل ئېكسپورتنى سودىسىنى توڭلاتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر