ئامېرىكا 11 - سېنتەبىرگىچە ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن، 11- سېنتەبىرگىچە ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1621166
ئامېرىكا 11 - سېنتەبىرگىچە ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن، 11- سېنتەبىرگىچە ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇ مەسىلىنى بۈگۈن شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتودىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئانتونى بلىنكېن بېلگيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ناتو باش ئىشتابىدا ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئۇچرىشىشىدىن بۇرۇن بايانات بېرىپ، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بۇنىڭدىن 20 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن 11- سېنتەبىر تېرورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن ئافغانىستانغا بارغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

«بىز ئافغانىستاندىكى نىشانىمىزغا يەتتۇق، ھازىر ئەسكەرلىرىمىزنى قايتۇرۇپ كېلىش پەيتى كەلدى» دېگەن بلىنكېن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن چېكىنىش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ ناتودىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بلىنكېن، ئافغانىستانغا بىرلىكتە بېرىش ۋە بىرلىكتە قايتىش پىرىنسىپىنى باشتىلا بېكىتكەنلىكلىرىگە ئىشارەت قىلىپ: «كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ۋە نەچچە ئاي ئىچىدە (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن) ئافغانىستاندىن ئەسكەرلىرىمىزنى بىخەتەر ۋە ماس قەدەمدە چېكىندۈرۈش مەسىلىسىدە يېقىندىن ھەمكارلىشىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭمۇ بۈگۈنكى ناتو يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ، رۇسىيەنىڭ ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى، كرېمىل سارىيىنىڭ بۇ ئىشنى ئۇنى تېزدىن توختىتىپ، ئىغۋاگەرچىلىكنى تۈگىتىپ، جىددىيلىكنى پەسەيتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر