ۋىيېننادىكى ئىران يادرو كېلىشىمى يىغىنى كېچىكتۈرۈلدى

بۇ ھەپتە ئاۋستىرىيە پايتەختى ۋىيېننادا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىران يادرو كېلىشىمى يىغىنى بىر كۈن ئاخىرلاشتى.

1620981
ۋىيېننادىكى ئىران يادرو كېلىشىمى يىغىنى كېچىكتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ ب د ت دىكى ۋىيېننا ئىشخانىسى دائىمىي ۋەكىلى مىخائىل ئوليانوۋ تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، كەڭ دائىرىلىك ئورتاق ھەرىكەت پىلانى ئورتاق كومىتېتىنىڭ ۋىيېننادا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنىنىڭ بىر كۈن كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى، ئۇچرىشىشلارنىڭ 15-ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «كومىتېت ئىلگىرىكى مەسىلىلەرگە قوشۇمچە قىلىپ، ئىراننىڭ يادرو ساھەسىدىكى يېڭى قەدەملىرى ۋە بۇنىڭغا ساپلىقى %60 بولغان ئۇران قويۇلدۇرۇش مەسىلىلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ» دېدى.

ۋىيېننادا ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلار نەتىجىسىدە، ئىرانغا قارشى يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى قارار قىلىنغان ئىدى.

ئۇچرىشىشلاردا، ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىگە تولۇق بويسۇنۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى ئۈچۈن، ئىككى مۇتەخەسسىس گۇرۇپپا تەشكىللەش، بۇ ھەقتە ھەم مۇتەخەسسىس گۇرۇپپىلارنىڭ ھەمدە كېلىشىمگە تەرەپ دۆلەتلەر ۋەكىللىرىنىڭ ئۇچرىشىشلارنى داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتىدە بىر يەرگە بولۇشى قارار قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر