نىگېرىيەنىڭ بەزى ئىشتاتلىرىدا سىرتقا چىقىش چەكلەندى

نىگېرىيەنىڭ گومبە ئىشتاتىدا داۋاملىشىۋاتقان ئېتنىك ۋە دىنىي توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن سىرتقا چىقىش چەكلەندى.

1621006
نىگېرىيەنىڭ بەزى ئىشتاتلىرىدا سىرتقا چىقىش چەكلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گومبە ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتنىڭ كاتىپى ئىبراھىم ئابۇباكار بايانات ئېلان قىلىپ، ئىشتاتنىڭ بالانگا رايونىدا ئىككى ئېتنىك گۇرۇپپا ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلەر سەۋەبىدىن سىرتقا چىقىشنى چەكلەشنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىبراھىم ئابۇباكار: «نيۇۋار، جېسسۇ ۋە يولدە يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلەر نەتىجىسىدە، سىرتقا چىقىشنى چەكلەش قارارى چىقىرىلدى» دېدى.

نىگېرىيەنىڭ كادۇنا ئىشتاتىمۇ پات-پات ئېتنىك ۋە دىنىي توقۇنۇشلارغا سەھنە بولىدۇ. تۈنۈگۈن (2021-يىلى 13-ئاپرېل) ئىككى گۇرۇپپا ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە بەش كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر