رۇسىيەپەرەس بۆلگۈنچىلەر بىر نەپەر ئۇكرائىنا ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈپ، 2 ئەسكەرنى يارىدار قىلدى

ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونباس رايونىدا رۇسىيەنى قوللايدىغان بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئوق ئېچىشى سەۋەبىدىن بىر نەپەر ئۇكرائىنا ئەسكىرى قازا قىلدى  ۋە 2 ئەسكەر يارىلاندى.

1620259
رۇسىيەپەرەس بۆلگۈنچىلەر بىر نەپەر ئۇكرائىنا ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈپ، 2 ئەسكەرنى يارىدار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىملىرىنىڭ باياناتىدا، بۆلگۈنچىلەرنىڭ يېرىم كېچىدىن شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 07:00 گىچە بولغان ئارىلىقتا ئۈچ قېتىم  ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، دونباسقا قاراشلىق مايورسكويې رايونىدا بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىدىن 1 ئەسكەرنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە 2 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر