ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىريۇسسېلدا زىيارەتتە بولىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ھەپتە ئىچىدە بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

1619745
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىريۇسسېلدا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىر ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ يەرلىك تاراتقۇلارغا بەرگەن باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، بلىنكېننىڭ بىريۇسسېل زىيارىتى داۋامىدا، ئىران، ئافغانىستان مەسىلىلىرى ۋە رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

مەزكۇر ئەمەلدارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى للويد ئاستىنمۇ، 10 – ئاپرېل كۈنى بېلگىيە، ئىسرائىلىيە ۋە گېرمانىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ بىريۇسسېل زىيارىتىنىڭ، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان پەيتكە توغرا كېلىشى دىققەت قوزغىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر