نىگېرىيەدە قوراللىق ئۇنسۇرلار گۆرۈگە ئېلىۋالغان كىشىلەر قۇتقۇزۇۋېلىندى

نىگېرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى كادۇنا ۋە زامفارا ئۆلكىلىرىدە قوراللىق ئۇنسۇرلار گۆرۈگە ئېلىۋالغان 26 كىشى ھەربىي ھەرىكەت ئارقىلىق قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1619304
نىگېرىيەدە قوراللىق ئۇنسۇرلار گۆرۈگە ئېلىۋالغان كىشىلەر قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كادۇنا ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسى باياناتچىسى مۇھەممەد جالىگېنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆلكىنىڭ بىرنىن گۋارى رايونىدا قوراللىق ئۇنسۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا، قوراللىقلار تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان 15 كىشى قۇتقۇتۇزۇۋېلىنغان.

زامفارا ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسى باياناتچىسى مۇھەممەد شېھۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆلكىنىڭ مارۇ رايوندا قوراللىق ئۇنسۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا، قوراللىقلار تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان  11 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىنغان، قوراللىقلار بولسا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، رايون، پات – پات چارچىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان فۇلانىلەر بىلەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بەزى قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلارغا سەھنە بولماقتا ئىكەن.

چارۋىلىرىنى ئوتلىتىش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا كۆچۈپ كەتكەن فۇلانىلەر، دېھقانلارنىڭ ھايۋانلىرىنى ئوغرىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر