بايدىن ئەنگلىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىن، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى II ئېلزابېتنىڭ يولدىشى ئېدىنبۇرگ كىنەزى شاھزادە فىلىپ ئۈچۈن تەزىيە تېلېگراممىسى تارقاتتى.

1618553
بايدىن ئەنگلىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جو بايدىن تەزىيە تېلېگراممىسىدا: «بارلىق ئامېرىكا خەلقىگە ۋاكالىتەن ئايال پادىشاھ II ئېلزابېتقا، خان جەمەتىگە ۋە ئەنگلىيەدىكى بارلىق كىشىلەرگە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

شاھزادە فىلىپنىڭ ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىشلارغا شاھىت بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان بايدىن، بۇنداق مۇھىم بىر كىشىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر