ئايال پادىشاھنىڭ يولدىشى ئالەمدىن ئۆتتى

ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى 2-ئېلىزابىتنىڭ يولدىشى فىلىپ (Philip) ئالەمدىن ئۆتتى.

1618170
ئايال پادىشاھنىڭ يولدىشى ئالەمدىن ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە بۇكىڭھام (Buckingham) سارىيى ئايال پادىشاھ 2-ئېلىزابىتنىڭ يولدىشى فىلىپنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «ھۆرمەتلىك ئايال پادىشاھ ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان يولدىشى ئېدىنبۇرگ كېنەزى فىلىپنىڭ ئۆلۈمىنى چوڭقۇر قايغۇ ئىچىدە ئۇقتۇردى. ھۆرمەتلىك فىلىپ ۋىندسور (Windsor) قەلئەسىدە خاتىرجەملىك ئىچىدە ۋاپات بولدى» دېيىلدى.

فىلىپ 99 ياشتا ئىدى. ئۇ 16-فېۋرال (2021) سالامەتلىكى تۈپەيلىدىن ئېدۋارد (Edward) دوختۇرخانىسىغا ياتقۇزۇلغان ئىدى. ئۇ بىر ھەپتە داۋالانغاندىن كېيىن، دوختۇرىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ھەر ئېھتىمالغا قارشى داۋاملىق دوختۇرخانىدا يېتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي يۈرەك كېسەللىكىگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش ۋە كۆزىتىش ئۈچۈن س ت.بارسولومېۋ (St. Bartholomew) دوختۇرخانىسىغا يۆتكىلىپ، ئۇ يەردە يۈرەك ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان ئىدى.

ئوپېراتسىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى. فىلىپ دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، ئاخباراتلاردا تارقالغان فوتوگرافلىرى جەمئىيەتتە ئەندىشەلەرگە سەۋەب بولغان ئىدى.

ئېدىنبۇرگ كېنەزى فىلىپ ئىككى دوختۇرخانىدا جەمئىي 28 كۈن ياتتى. بۇ فىلىپنىڭ ھازىرغىچە دوختۇرخانىدا ياتقان ئەڭ كۆپ ۋاقتى بولۇپ قالدى.

ئۇ ئىيۇن ئېيىدا 100 ياشقا كىرەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر