ئىران جەنۇبىي كورىيەنىڭ نېفىت پاراخوتىنى قويۇپ بەردى

ئىران ھۆكۈمىتى 4-يانۋار كۈنى مۇھىتنى بۇلغىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تۇتۇپ كەتكەن جەنۇبىي كورىيە بايراقلىق نېفىت پاراخوتىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1617917
ئىران جەنۇبىي كورىيەنىڭ نېفىت پاراخوتىنى قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى سەئىد خاتىبزادە، ئىران ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ،  سېئۇل ھۆكۈمىتى ۋە پاراخوت ساھىبىنىڭ تەكلىپىگە بىىنائەن، جەنۇبىي كورىيە بايراقلىق نېفىت پاراخوتىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە، كاپىتان بىلەن پاراخوتنىڭ «رايوندىكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ ناچار بولماسلىقى» نىڭ، ئىران ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ شۇنداق قارار چىقىرىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئارمىيەسى دېڭىز كۈچلىرى قوماندانلىق ئىشتابى، 4 – يانۋار كۈنى بەسرە قولتۇقىدا جەنۇبىي كورىيە بايراقلىق « MT Hankuk Chemi» ناملىق پاراخوتنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

 جەنۇبىي كورىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چې جوڭكوڭ باشچىلىقىدىكى ھەيئەت،  11-يانۋار كۈنى تېھراندا ئىران دائىرىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەنىدى. ئىران 2-فېۋرال  كۈنى پاراخوت خادىملىرىنى قويۇپ بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر