ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى 4 دۆلەتتە زىيارەتتە بولىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويىد ئاستىن، ھۆكۈمەت ۋە ھەربىي دائىرىلەر بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئىسرائىلىيە، گېرمانىيە، ئەنگىلىيە ۋە بېلگىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.

1617869
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى 4 دۆلەتتە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە، گېرمانىيە، ئەنگىلىيە ۋە بېلگىيەگە قىلىدىغان زىيارىتى 10 – ئاپرېل شەنبە كۈنى باشلىنىدىغان ئاستىن، ئىسرائىلىيەدە باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بېننى گانتىز بىلەن كۆرۈشىدۇ. گېرمانىيەدە بولسا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاننېگرېت كرامپ – كاررېنبائېر، گېرمانىيە باش مىنىستىرىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى سىياسەتلىرى مەسلىھەتچىسى جان ھېككېر بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

ئاستىننىڭ زىيارىتىنىڭ گېرمانىيەدىن كېيىنكى بېكىتى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېل بولىدۇ.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاستىن بۇ يەردە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارارگاھىدا، ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بىلەن كۆرۈشىدۇ.

ئۇ، زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى ئەنگلىيەدە، دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى بېن ۋاللانس بىلەن كۆرۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر