نىگېرىيەدە قارا گۇرۇھلارغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت باشلاندى

نىگېرىيەنىڭ كادۇنا ئىشتاتىدا قوراللىق قارا گۇرۇھقا قارشى باشلانغان ھەربىي ھەرىكەتتە 24 كىشى ئۆلتۈرۈلدى.

1617884
نىگېرىيەدە قارا گۇرۇھلارغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كادۇنا ئىشتاتى ئىچكى خەۋپسىزلىك ۋە ئىچك ئىشلار كومىسارى سامۇئېل ئارۇۋان (Samuel Aruwan) نىگېرىيە ئارمىيەسىنىڭ كادۇنا ئىشتاتىنىڭ بىرنىن گۋارى (Birnin Gwari) رايونىدىكى ئورماندا قوراللىق قارا گۇرۇھلارغا قارشى ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن ھەربىي ھەرىكەت باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ھۇجۇمدا 24 قارا گۇرۇھ ئەزاسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ۋە نۇرغۇن قارا گۇرۇھ ئەزاسىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە، ھۇجۇمدا قارا گۇرۇھنىڭ پاناھلىنىش جايلىرىنىڭ بىتچىت قىلىنغانلىقىنى ۋە نۇرغۇن قورال-ياراغلارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر